باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»لارنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىلىرىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆزى ئۈلگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

2017.04.17 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيەدە «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسى ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش، تەشكىلىي جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش، تۈزۈم ئارقىلىق پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى كۈچلۈك تۇتقا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش، ئۇنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئىدىيەۋى-سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنى پارتىيە نىزامى، پارتىيە قائىدىسى بويىچە قېلىپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرىنى لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. «ھالقىلىق ئاز سانلىق»لارنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىلىرىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشىغا، يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشىغا، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆزى ئۈلگە بولۇش، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، «بەش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر