باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مىڭ يىللىق چوڭ پىلان، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى پىلانلاپ قۇرۇشنى قارار قىلىش خاتىرىسى

2017.04.14 15:30   مەنبە: خەلق تورى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى پىلانلاپ قۇرۇشنى قارار قىلىش خاتىرىسى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئەنشىن ناھىيەسىدە شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاپ قۇرۇش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.

  2017-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى تەسىس قىلىش قارارىنى ئېلان قىلدى.

  خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شيۇڭشيەن، رۇڭچېڭ، ئەنشىندىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيەسى ۋە ئەتراپىدىكى قىسمەن رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شيۇڭئەن يېڭى رايونى تېزدىن مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

  شيۇڭئەن يېڭى رايونى تەسىس قىلىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان بىر مۇھىم تارىخىي خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك تاللاش. بۇ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى ۋە شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىدىن كېيىن قۇرۇلغان مەملىكەت خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە يەنە بىر يېڭى رايون، مىڭ يىللىق چوڭ پىلان، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يىراقنى كۆزلەپ، پارتىيە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى مۇھىم نۇقتا، چوڭ تارىخىي قاراشنى مەۋقە قىلىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاپ قۇرۇشنى مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، نوپۇس ئىقتىسادى مۇجەسسەملەشكەن جايلارنى ئالدىن ئېچىش يېڭى ئەندىزىسى، رايونلار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  خېبېي ئۆلكىسىدە باھار دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، تارىخىي سەھىپە ئېچىپ، تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش مارشى ياڭرىماقتا...

  دەۋر يۈزلىنىشىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك تەدبىرىنى ئىگىلەپ شيۇڭئەن يېڭى رايونى تەسىس قىلىش ـــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تاللىشى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېچىلغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: بۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن مەركەزنىڭ بىر يېڭى رايون قۇرۇشنى پىلانلىشى. شيۇڭئەن يېڭى رايونى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەستىقلىغان پايتەخت فۇنكسىيەسىنى كېڭەيتىش رايونى، ئۇ شاڭخەي پۇدۇڭ، گۇاڭدۇڭ شېنجېنغا ئوخشاش مەملىكەت خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇنى چوقۇم ياخشى ئىگىلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئۆزبېكىستان 5-نۆۋەتلىك خەلقئارا ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسى باشلاندى
    ·2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى 
    ·پەن تەتقىقات يۇرتى ۋە پارتىيە مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار…
    ·4- ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى كەسپى ئورۇنلار ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچى…
    ·ئىنستىتۇت-فاكۇلتېت ۋە كەسىپ توسۇقى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ
    ·بەش تارماق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى: كەسىپ تەسىس قىلىش، ئادەم قوبۇل قىلىش-ئىشلىتىشتە تې…
    ·بەش مىنىستىرلىق، كومېتىت ئالىي مەكتەپلەرنى  ئاپپارات تەشكىللەپ مەمۇرىي دەرىجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا…
    ·2020- يىلى دۆلىتىمىزدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·بېيجىڭدا 2017- يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا م…
    ·دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى چىقىرىلدى