باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ۋېلىسىپىتنى بەك ئۇزۇن ۋاقىت مىنىۋەتمەسلىك كېرەك

ۋېلىسىپىت مىنىشتىمۇ دىققەت قىلىش لازىم

2017.04.13 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە, ھەمبەھىر ۋەلسىپىتلىرىنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردە ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولۇشى جامائەتنىڭ چوڭقۇر قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، كىشىلەرگە قولايلىق ياراتماقتا. ئەمما، دوختۇرلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ۋېلسىپىت گەرچە بىر خىل تۆۋەن كاربونلۇق مۇھىت ئاسراش ساغلاملىق ھەرىكىتىنىڭ ياردەمچىسى بولسىمۇ، لېكىن ۋېلسىپىتنى بەك ئۇزۇن ۋاقىت مىنىۋەتمەسلىك كېرەك، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەر ياكى بەش خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار مىنىش ئۇسۇلىغا تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

  جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى جۇ مېڭيۈەن مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن, ۋېلىسىپىتنى ئۇزاق مۇددەتلىك چېنىقىش تۈرى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ۋېلىسپىتنىڭ ئىگىرى ھەم تار، ھەم قاتتىق بولغاچقا، ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت مىنگەندە، مەزى بېزى قاتارلىق ئەزالار ناھايىتى زور بېسىمغا ئۇچراپ، قان يېتىشمەسلىك، ئىششىش, ياللۇغلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار پەيدا بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئىككىنچىسى, دەل ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرغان ياش-ئۆسمۈرلەر مىنىش قىياپىتىنىڭ توغرا بولۇشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. رولى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ۋېلىسىپىت ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئېگىلىش دەرىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، يەنە ئاسانلا بەلنى غىدىقلايدۇ.

  ئۈچىنچى، تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار دائىم ۋېلسىپىت مىنىشكە ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى، بىرىنچىسى، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بىمارلىرى ۋېلىسىپىت مىنگەندە دىققەتنىڭ مەركەزلىشىشى ۋە روھىي جىددىيلىك ھەمىشە قان بېسىمنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئىككىنچىسى، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكلىرى بىمارلىرى ۋېلسىپىت مىنگەندە، ھەرىكەت مىقتارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى تۈپەيلى، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەيدۇ؛ ئۈچىنچىسى، چوقۇق كېسىلى بىمارلىرى ۋېلسىپىتنى ئۇزاق ۋاقىت مىنگەندە كېسەللىك ئەھۋالى ئاسانلا ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ؛ تۆتىنچىسى، مېڭە سىلكىنىش ئاسارىتى بار بىمارلارغا ماس كەلمەيدۇ؛ بەشىنچىسى، تۇتقاقلىق كېسىلى بىمارلارغا ماس كەلمەيدۇ. تۆتىنچى ۋە بەشىنچى خىلدىكى كىشىلەر، يەنى، مېڭە سىلكىنىش ئاسارىتى بار بىمارلار ۋە تۇتقاقلىق كېسىلى بىمارلىرى ۋېلسىپىت مىنىش جەريانىدا ئاسانلا يىقىلىپ چۈشۈشى مۇمكىن.

  دوختۇرلار يەنە مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ: ۋېلىسىپىت مىنگەندە ئەڭ ياخشىسى يېنىك تىپتىكى ئەلا سۈپەتلىك ۋېلىسىپىتلارنى تاللاپ مىنىش، ۋېلسىپىت ئىگىرى بەك يۇقىرى بولماسلىق، چوقۇم مۇئەييەن ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك؛ ۋېلىسپىت مىنگەندە تۈز ئولتۇرۇش، ئىككى پۇتى بىلەن تەكشى كۈچەش لازىم، بىر تەرەپتىلا بەك كۈچەپ كېتىش تۈپەيلى ئىششىق پەيدا بولۇپ قېلىشتەك ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقكىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر