باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«دۆلەت مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىنىڭ <13-بەش يىللىق> تەرەققىيات يىرىك پىلانى» بېسىپ تارقىتىلدى

ئېلىمىز مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە زور كۆلەمدە ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ

2017.04.17 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى يېقىندا «دۆلەت مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىنىڭ <13-بەش يىللىق> تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقاتتى. يىرىك پىلانغا ئاساسلانغاندا، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى «13-بەش يىل» مەزگىلىدە تەخمىنەن 900 تۈرلۈك مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىكەن. شۇنداقلا، مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىدىن 800نى ئېلان قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە سۈپەت ئۆلچىمى ۋە بۇلغىما قويۇپ بېرىش(كونترول قىلىش) ئۆلچىمىدىن 100ى، مۇھىت تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تۈرىدىكى ئۆلچەمدىن 400ى، مۇھىت ئاساسىي تۈر ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش-قېلىپلاشتۇرۇش تۈرىدىكى ئۆلچەمدىن 300ى باركەن، مۇھىت باشقۇرۇشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قوللايدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «12-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىدىن 1942نى ئېلان قىلغان (بۇنىڭ ئىچىدىكى 493ى «12-بەش يىل» مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان)، 244 ئۆلچەمنى بىكار قىلغان، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەمدىن 1697سى باركەن. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمى ئىچىدە، مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىدىن 16سى، بۇلغىما قويۇپ بېرىش (كونترول قىلىش) ئۆلچىمىدىن 161ى، مۇھىت تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئۆلچىمىدىن 1001ى، باشقۇرۇش-قېلىپلاشتۇرۇش تۈرىدىكى ئۆلچەمدىن 481ى، مۇھىت ئاساسىي تۈر ئۆلچىمىدىن 38ى باركەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر