باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى بىڭتۈەنىنىڭ 2020-يىلغىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 303 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ

2017.04.17 10:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بېڭتۇەنى 2020-يىلغىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 303 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن %9 ئاشۇرۇش،ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتتى.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىن بىر تۈركۈم چوڭ كارخانا چوڭ گۇرۇھلار، مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان كەسىپلەر توپىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كۆلەملىك سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان شەھەر ۋە 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان شەھەر بازارلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىدۇ. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش يېتەكچى قىلىنغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېڭى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرىدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك %70 نى ئىگىلەيدۇ، ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش باشلامچىلىق رولىنى كۆرۈنەرلىك زورايتىدۇ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە ئىشلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  شۇ چاغدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىڭتۈەنلەرنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسىدۇ، مەركىزىي شەھەرلەر ۋە شەھەر بازارلار توپى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر