باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئۆي-زېمىن ئەمەلىي تۇرالغۇ شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.04.17 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى 16- ئاپرېل ئېلان قىلغان «2017-يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇشقا كىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر»دە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «دالان، ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى، بوشلۇقنى ئىگىلەپ ئولتۇرغان ئائىلە» قاتارلىق ئولتۇراقلىشىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋاللاردىكىلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتى بولمايدۇ.

  پىكىردە، بۇ يىل باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتە يېقىن جايدا ئىمتىھانسىز مەكتەپكە كىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسەن ئوقۇش ئورنىنى تەمىنلەش ئەھۋالى ۋە نوپۇس، ئۆي- جاي، ئولتۇراقلىشىش يىل چەكلىمىسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، يەككە مەكتەپلەرگە بۆلۈش ۋە كۆپ مەكتەپلەرگە بۆلۈشنى بىرلەشتۈرۈشتەك مەكتەپكە كىرىش ئۇسۇلىدا پائال ۋە سالماقلىق بىلەن ئىزدىنىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇكەممەل بولغان يېقىن جايدا ئوقۇش قائىدىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش بىلدۈرۈلدى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مائارىپ تارماقلىرى كوچا باشقارمىسى، ج خ قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ، «ئەمەلىي تۇرۇش»قا بولغان تەلەپ كۈچەيتىلىپ، ئۆي سېتىۋېلىپ تۇرمايدىغان ئەھۋاللاردا ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىنمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر