باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

7- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ياش-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا بايرىمى 18- ئاپرېل باشلىنىدۇ

2017.04.17 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18- ئاپرېلدىن 24- ئاپرېلغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستتىن كەلگەن ھەمدە پەن-تېخنىكا ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈككەن 3000دىن ئارتۇق ياش-ئۆسمۈرلەر بىر يەرگە يىغىلىپ، 7- نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا بايرىمىغا قاتنىشىدۇ.

  ئۇلار ماشىنا ئادەم، پىلانېر ۋە ئىلىم-پەن دېگەندەك جەھەتلەر بويىچە ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىق يەتتە مۇسابىقە تۈرىدە مۇسابىقىلىشىدىكەن. ئىپادىسى ياخشى بولغانلار كېيىن شىنجاڭغا ۋاكالىتەن دۆلەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى 14- فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  تەييارلىق ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ياش-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا بايرىمىدا «يېڭىلىق يارىتىش. سىناق قىلىش. ئۆسۈپ يېتىلىش» قاتارلىقلار ئاساسىي تېما قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ بايرام 18- ئاپرېلدا ئۈرۈمچىدە ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈدىكەن، ھەمدە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن تاكى 24- ئاپرېلغىچە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرىدىكەن، ئاساسىي يىغىن مەيدانى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيىدا بولىدىكەن، شۆبە يەرمەنكىسى بولسا، شەھەرلىك 8- ئوتتۇرا مەكتەپكە تەسىس قىلىنغان.

  بۇ نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا بايرىمىدا يەتتە مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بەزىلىرى تېخى كېيىنكى دۆلەتلىك مۇسابىقىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئۇنىڭدىن تاللىنىپ چىققان مۇنەۋۋەر شاكىچىك ماھىرلار كېيىن شىنجاڭغا ۋاكالىتەن دۆلەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر