خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كورلا شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن مەلىكىزات مەمەت خەۋىرى) 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئەمەلىيلەشتۈرگەن، كورلا شەھىرى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 2017-يىللىق جۇڭگو يىپەك يولى. كورلا نەشپۈتى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ «چېچەك سەيلىسى» پائالىيىتى كورلا شەھىرىنىڭ ئاۋات دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. 1000دىن ئارتۇق ساياھەتچى بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشتى.
پائالىيەت جەريانىدا يىراق-يېقىندىن كەلگەن ساياھەتچىلەر چېچەك سەيلىسى قىلغاچ نەشپۈت دەرىخىنىڭ پەرۋىش جەريانى بىلەن تونۇشتى، شۇنداقلا ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىدىن قانغۇچە بەھرىلەندى.
ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىللىق جۇڭگو يىپەك يولى. كورلا نەشپۈتى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى كېلەر يىلىنىڭ 2-ئېيىغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق چېچەك سەيلىسىدىن سىرت يەنە، 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاستا يۈگۈرۈش پائالىيىتى، 5-ئايدا «يۇرتۇمدا ئىتتىپاقلىق» پائالىيىتى، يازدا ئات بەيگىسى، كۈزدە نەشپۈت ئۈزۈش پائالىيىتى، قىشتا ئاق قۇ فوتو سۈرەت پائالىيىتى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى