باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بىۋاسىتە تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدا ئەسلىدە ئۆزئارا قان تەقدىم قىلىشقا بولمايدىكەن

2017.04.17 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىنو فىلىملىرىدە، كىشىلەر دائىم تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ: بالا ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ جىددىي قان بېرىشكە دۇچ كەلگەندە، بۇ چاغدا دوختۇرخانىدا دەل بۇ قان تىپىدىكى قان ئىشلىتىلىپ تۈگىگەن بولغاچقا، شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى دوختۇرغا ئۆزىنىڭ قېنىنى ئىشلىتىپ جىددىي قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى جىق كۆرۈۋېرىپ، تاماشىبىنلاردا بىۋاسىتە تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا قان تەقدىم قىلىشقا بولىدىغان خاتا قاراش پەيدا بولغان. ئەمەلىيەتتە، بىۋاسىتە تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدا قان تەقدىم قىلسا، كۆچۈرۈلگەن ماددىنىڭ كۆچۈرۈلگۈچىگە قارشىلىق قىلىش كېسىلى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كېسەل پەيدا بولىدىكەن، شۇڭا بىۋاسىتە تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدا قان تەقدىم قىلىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ.

  كۆچۈرۈلگەن ماددىنىڭ كۆچۈرۈلگۈچىگە قارشىلىق قىلىش كېسىلىنىڭ قوزغىلىش مېخانىزمى

  «جۇڭگو ئاياللىرى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كۆچۈرۈلگەن ماددىنىڭ كۆچۈرۈلگۈچىگە قارشىلىق قىلىش كېسىلىنىڭ قوزغىلىش مېخانىزمى ئاساسلىقى بىمارغا ئىممۇنلۇق ئاكتىپلاشقان لىمفا ھۈجەيرىسى قان تەقدىم قىلىش يولى ئارقىلىق كىرگۈزۈلگەن، نەتىجىدە، ئۇنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولىدۇ، بۇنىڭدا بىمارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ۋە جىگەر قاتارلىقلار ھەمدە بەدەندىكى قان ئىشلەش سىستېمىسى قاتارلىقلارمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ھۈجەيرىلەرنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ھەتتا ئەيدىز كېسىلىدىنمۇ ۋەھشىي بولىدىكەن.

  بىۋاسىتە تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدا قان بەرسە نېمىشقا قان بېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدىكى كۆچۈرۈلگەن ماددىنىڭ كۆچۈرۈلگۈچىگە قارشىلىق قىلىش كېسىلى پەيدا بولىدۇ؟

  تۇغقانلار ئارىسىدا ئانتىگېننىڭ ئوخشاشلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر قان تەقدىم قىلىش تۈپەيلىدىن قان قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىدە ئېغىر دەرىجىدە نۇقسان كۆرۈلسە، ياكى ئىممۇنىتېت كۈچى چەكلىمىگە ئۇچرىسا، بەدەننىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلارنىڭ بەرگەن قىنىدىكى ئوخشاش لىمفا ھۈجەيرىسىگە بولغان پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئازلاپ كېتىدىكەن. بۇ چاغدا، سىرتتىن كەلگەن لىمفا ھۈجەيرە قان قوبۇل قىلغۇچىنىڭ بەدىنىدىكى توقۇلما ئەزالارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئەجەللىك ئەگەشمە كېسەللىك، يەنى قان بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆچۈرۈلگەن ماددىنىڭ كۆچۈرۈلگۈچىگە قارشىلىق قىلىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدىكەن.

  بۇ خىل كېسەلنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى ئەمەس، تەخمىنەن مىليوندىن بىردىن مىڭدىن بىرغىچە بولغان ئارىلىقتا بولىدىكەن؛ لېكىن قوزغىلىپ قالسىلا، ئۆلۈش نىسبىتى خېلى يۇقىرى بولۇپ، %80دىن %90گىچە بولىدىكەن. بۇنداق كېسەللىك قان بەرگەندىن كېيىنكى 10 كۈندىن 14 كۈنگىچە پەيدا بولىدىكەن. دەسلەپتە قىزىش ۋە ئەسۋە قاتارلىق ئالامەتلەر كۆپ كۆرۈلىدىكەن، ئاخىرىدا يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن.

  بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدا ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ بىر بىرىگە قان بېرىپ قۇتقۇزۇشقا بولمامدۇ؟

  پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىررادىئاتسىيە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئاكتىپ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن، قان بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، ئىممۇنلۇق ئاكتىپلاشقان قان پەيدا بولمايدىكەن. گەرچە بىۋاسىتە تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدا قان بەرگەندە بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كۆچۈرۈلگەن ماددىنىڭ كۆچۈرۈلگۈچىگە قارشىلىق قىلىش كېسىلىدىن ساقلانغىلى بولسىمۇ، لېكىن بىۋاسىتە تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدا يەنىلا بىۋاسىتە قان بەرمەسلىك كېرەك ئىكەن. باشقىلارنىڭ قىنىنى ئېلىشقا راستىنلا دۇچ كەلگەندە، قاننى ئاز ئېلىش، ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىش كېرەك ئىكەن. قان بەرگەندە قاننىڭ تەركىبىگە دىققەت قىلىش كېرەك ئىكەن، قىزىل قان ھۈجەيرىسى بېرىشكە توغرا كەلگەندە، پەقەت قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىن بېرىڭ؛ قان شىرىسى كەم بولمىغاندا، قان شىرىسى بەرمەڭ؛ قان پىلازمىسى بېرىشكە توغرا كەلگەندە، پەقەت قان پىلازمىسىلا بېرىڭ.

  ئۇندىن باشقا، ئەگەر پاتوگېن تەكشۈرۈلمىگەن بولسا، يېڭىدىن ئالغان قانمۇ بىخەتەر ئەمەس، ھەمدە بىمارغا بىۋاسىتە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر