خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-ئاپرېل خەلق سارىيىدا سان تومې ۋە پىرىنسىپى زۇڭلىسى تروۋادا بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-سان تومې ۋە پىرىنسىپى مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلىپ، سان تومې ۋە پىرىنسىپى جۇڭگو-ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىق چوڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىپ، ھازىرقى دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشتى. جۇڭگو زۇڭلى ئەپەندىنىڭ جۇڭگو-سان تومې ۋە پىرىنسىپى مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى يۈكسەك تەرىپلەيدۇ، سان تومې ۋە پىرىنسىپى بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى دوستانە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، باراۋەر، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى