باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2017-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرمىسى»نى ئېلان قىلدى

ئېتىزلىقتىن تاماق ئۈستىلىگىچە بولغان ھەر بىر مۇداپىئە لىنىيەسىنى چىڭ ساقلاش كېرەك

2017.04.17 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «2017-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرمىسى»نى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىپ، «ئەڭ قاتتىق ئۆلچەم، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، جازالاش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش»ئارقىلىق، ئېتىزلىقتىن تاماق ئۈستىلىگىچە بولغان ھەر بىر مۇداپىئە لىنىيەسىنى چىڭ ساقلاپ، خەلق بىردەك كۆڭۈل بۆلىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى تەكىتلىدى.

  «خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىشتىكى ئەدلىيەلىك ئىزاھاتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەكلىكلەردە ساختىلىق قىلىش، ساختا ياساش قىلمىشلىرىنى بىۋاسىتە جازالاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ يانداش قائىدە-تۈزۈملىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ، جازانى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى بىلەن خەلقئارا ئۆلچەمنىڭ ئۇدۇللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلچەم تۈزۈش، ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. خۇرۇچلارنى قانۇنسىز قوشۇش، دائىرە ۋە نورمىدىن ئارتۇق ئىشلىتىش، دېھقانچىلىق، مال دوختۇرلۇق دورىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، ساختا تاۋار ياساش، سېتىش، قالايمىقان سويۇش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارنى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ تۈزىتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە خىلاپ قىلمىشنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئادەمگىچە سۈرۈشتۈرۈش ۋە جازالانغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشنى تەكىتلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر