باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

رۇسىيە: قارا تاغنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى ياۋروپانىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىز

2017.04.17 14:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 13-ئاپرېل مۇنداق دېدى: قارا تاغنىڭ شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى ياۋروپانىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىز بولۇپ، قارا تاغ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىدەك بۇ ھەرىكەتتە قارا تاغ خەلقنىڭ مەنپەئەتى نەزەردە تۇتۇلمىدى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 11-ئاپرېل قارا تاغنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار ھۆججەتنى ئىمزالىدى، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 13-ئاپرېل ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۆزىنىڭ ئىزچىل سىياسىتىنى گەۋدىلەندۈرگەنلىك بولۇپ، ياۋروپادا يېڭى بۆلۈنۈش پەيدا قىلدى، بۇ بالقان رايونى ۋە پۈتكۈل ياۋروپانىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىز دېدى.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا سادىق بولغان كۆپلىگەن غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى نەچچە مىليونلىغان ئامېرىكا دوللىرىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ، قارا تاغ پۇقرالىرىنى قاراتاغ ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىش سىياسىتىنى كەڭ كۆلەمدە قوللايدىغاندەك قىياپەتنى پەيدا قىلدى.

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تاسادىپىي ئىش بولۇپ قالمىسىلا، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بېريۇسسىلدا ئۆتكۈزىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا قارا تاغنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 29 ئەزالىقىغا رەسمىي قوبۇل قىلغۇدەك.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر