خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 6-كۈنى، ھىندونېزىيەدىكى سېماراڭ پورتىدا، جۇڭگونىڭ سۇ تىرانسپورت كارخانىسى خەيفېڭ خەلقئارا يۈك تىرانسپورتىنىڭ «خەيليەن» ناملىق نۆۋەتچى پاراخوتى يۈك قاچىلاش- چۈشۈرۈش مەشغۇلاتى قىلماقتا. جاۋا ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سېماراڭ ھىندۇنېزىيەدىكى ئاساسلىق پورت شەھىرى بولۇپ جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىقلارغا قاتنايدىغان نۇرغۇن خەلقئارا ئاۋاىياتسىيە لىنىيەسى بار. جۇڭگو ۋە ھىندونېزىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئارقا- ئارقىدىن نۇرغۇن سۇ تىرانسپورت كارخانىلىرى ھىندونېزىيە سېماراڭدىن جۇڭگونىڭ شاڭخەي، تيەنجىن، نىڭبو، چېڭداۋ، شيامېن قاتارلىق شەھەرلەرگە تۇتۇشىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى، يۈك ئوبوروت مىقدارى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان داۋاملىق ئاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى