خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 16-ئاپرىل، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ۋە قوللىغۇچىلىرى ئىلگىرى سۈرگەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇشتا ماقۇللانغانلىقىنى جاكارلىدى، ئۇ ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قاتارىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان ئىستانبۇلدا تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قوللاش لاگېرى 25 مىليون پارچە سايلام بېلىتىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ قارشى لاگىرغا قارىغاندا 1 مىليون 300 مىڭ بېلەت ئارتۇق. تۈركىيە شۇ كۈنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى ئۈستىدە بىر «تارىخىي خاراكتېرلىك قارار» چىقاردى، تۈركىيە ئىتتىپاقداش دۆلەت دەپ بىلىدىغان دۆلەتلەر «بۇ قارار»غا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، دېدى.
ئارقىدىن ئەردوغان قوللىغۇچىلىرىغا سۆز قىلىپ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلە ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇش ئۆتكۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىملىق ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش 18 تۈرلۈك ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ماددىلىرىغا چېتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى پارلامېنت تۈزۈمىدىن زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش ئەڭ تالاش- تارتىش قىلىنغان ماددا بولدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇندا زۇڭتۇڭغا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھوقۇق بېرىلىدۇ.
ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشتا نامۇۋاپىق قىلمىشلار مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، سايلام بېلىتىنى قايتىدىن ئىستاتىستىكا قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ماقۇللاندى، تۈركىيە 2019-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋە پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن رەسمىي ھالدا زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، 1923-يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان يولغا قويۇلۇپ كەلگەن پارلامېنت تۈزۈمى ئاخىرلىشىدۇ.
بۇلتۇر 7-ئايدا، تۈركىيەدە تۇيۇقسىز ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەردوغان قاتارلىقلار ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاققا ئەزا بولۇشىدا چېقىلىشقا بولمايدىغان بىر «قىزىل سىزىق» ھېسابلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى