سۈرەتتە: ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھەيدەرئابات شەھىرى ئەتراپىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئىستانسىسى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كارخانىلىرى بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قىسمەن فوتوۋولت تاختىسى بىرىكمە دېتاللىرى ۋە پۈتۈن يۈرۈشلۈك ئاپتوماتىك كۈن نۇرى ئىز قوغلاش تىرەك سىستېمىسى بىلەن تەمىنلىدى. 2016- يىلى، ھىندىستاندا قۇياش ئېنېرگىيەسىگە بولغان ئېھتىياج بىر قەدەر تېز ئاشقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %79.9 ئاشتى. جۇڭگو كارخانىلىرى پىششىق تېخنىكىلىرى ۋە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، ھىندىستاندىكى خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈردى. 2017-يىلى ئالدىنقى ئىككى ئايدا، جۇڭگونىڭ ھىندىستانغا قىلغان فوتوۋولت بىرىكمە دېتال ئېكسپورت سوممىسى 720 مىليون دوللارغا يەتتى، ھىندىستان ئېلىمىزنىڭ فوتوۋولت بىرىكمە دېتال ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى