باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 18888888888 نومۇرنى يۇقىرى باھادا ساتتى دېگەن يالغان خەۋەرگە رەددىيە بەردى

بۇ نومۇر بازارغا ئەزەلدىن سېلىنمىغان

2017.04.18 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، بېيجىڭغا تەۋە كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 18888888888 دېگەن يان تېلېفون نومۇرى 120 مىليون يۈەن باھادا سېتىلغان. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ بېيجىڭ شۆبە شىركىتى ھۆكۈمەت تەرەپ نامىدا ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا مەزكۇر ئىغۋا خەۋەرنى رەت قىلىپ، مۇنداق دېدى: بۇ نومۇر ئەزەلدىن بازارغا سېلىنمىغان، يەنە كىم ئارتۇق قىلىپمۇ سېتىلمىغان.

  بېيجىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاراتقۇلارنىڭ 18888888888 دېگەن بۇ نومۇر يۇقىرى باھادا سېتىلدى، دېگەن بۇ خەۋەرگە قارىتا، شىركىتىمىز دەرھال تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، بۇ نومۇر ھەقىقەتەن مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىكەنلىكى ئېنىق، لېكىن بازارغا سېلىنمىغان، يەنە كىم ئارتۇق قىلىپمۇ سېتىلمىغان. بېيجىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى «تېلېگراف تورى نومۇر بايلىقىنى باشقۇرۇش چارىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئىزچىل ھالدا قاتتىق رىئايە قىلىپ كەلمەكتە، شىركەت بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە، ھەر خىل نومۇرنى ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىپ، مۇناسىپ ئەمگەك ھەققى يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى خېرىدارلارنىڭ تاللىشى ئۈچۈن تەمىنلەيدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە نازارەت قىلغانلىقىغا رەھمەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر