باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«غەربكە ساياھەت»نىڭ رېژىسسورى ۋاپات بولدى

2017.04.18 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15- ئاپرىل، داڭلىق ئايال رېژىسسور، سەنئەتكار ياڭ جيې خانىم كېسەل سەۋەبىدىن 88 يېشىدا ۋاپات بولدى. ياڭ جيې 86-يىلى قويۇلغان «غەربكە ساياھەت»نىڭ باش رېژىسسورلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى بىلەن نۇرغۇن تورداشلار ۋە كىنو مەستانىلىرى 86-يىللىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «غەربكە ساياھەت»نىڭ نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن بەدىئىي زوقى ۋە بىر دەۋرنىڭ ئەسلىمىلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتتى.

  1929-يىلى، ياڭ جيې خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ماچېڭدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1982-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە ياڭ جيې تۇنجى ئەپسانىۋىي كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «غەربكە ساياھەت»نى سۈرەتكە ئېلىشنى تاماملىدى، ئالتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، 25 قىسىمنى سۈرەتكە ئېلىش تاماملاندى.

  1998-يىلى، ئاللىقاچان 69 ياشقا كىرىپ قالغان ياڭ جيې يەنە «غەربكە ساياھەت»نىڭ 16 قىسىمىنى ئىشلەشكە رېژىسسورلۇق قىلدى، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 86-يىللىق «غەربكە ساياھەت» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى.

  «غەربكە ساياھەت»تىن باشقا، ياڭ جيې ئىشلىگەن «سىما چيەن»، «شىشى» قاتارلىق ئەسەرلەرمۇ ئىزچىل ياخشى باھالارغا ئېرىشتى. ھەتتا ھازىرقى ياشلارمۇ دوۋبەن كىنو-فىلىم سۇپىسىدا يۇقىرى نومۇر بەردى. 2013- يىلى، ئاللىقاچان 90 ياشلارغا يېقىنلاشقان ياڭ جيې: «چۈنكى بىز ئۇ سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىمىز، پۇل، نام، مەنپەئەت ئۈچۈن ئەمەس، مۇكاپات ئۈچۈن ئەمەس، ئۇ ۋاقىتتا يەنە ھېچقانداق مۇكاپات يوق ئىدى. جېنىمىز بىلەن كۈرەش قىلدۇق، ئىجادىيەتكە يۈرەك قېنىمىزنى سەرپ قىلىپ، ئالتە يىلدا 25 قىسىم فىلىمنى سۈرەتكە ئالدۇق»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر