خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئاپرىل سائەت 14دە، تۇرپان شىمالىي بېكىتىدىن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا بارىدىغان يولۇچىلار پويىزغا چىقىشقا باشلىدى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا يېڭىدىن ئالتە جۈپ ئوق پويىز كۆپەيتىپ سېلىنىپ، ئىككى جاي ئارىلىقىدا ھەر كۈنى قاتنايدىغان ئوق پويىز 18.5 جۈپكە يەتكۈزۈلدى، پويىز ھەر 30 مىنۇتتا بىر نۆۋەت قوزغىلىپ، يۇقىرى زىچلىقتا، ئاممىۋى قاتناش يۈزلىنىشىدىكى قاتناش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
158 كىلومېتىر، 54 مىنۇت، ئوق پويىز «ئاممىۋى قاتنىشى» تۇرپاننى ئۈرۈمچىدىن بىر سائەتتە يېتىپ بارغىلى بولىدىغان قاتناش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى