باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر يۈ گۇاڭجۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2017.04.17 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئاپرىل چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تاموژنا باش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۈ گۇاڭجۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شۆھرەت زاكىر تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتلىك ئېچىۋىتىش ئەندىزىسىدىكى ئورنى ۋە رولى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ.

  يۈ گۇاڭجۇ مۇنداق دېدى: تاموژنا باش مەھكىمىسى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى پائال قوللايدۇ، تاموژنا ئېغىزلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىش، تاموژنا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئۆز ئارا ياردەملىشىشنى ياخشى ئورۇنداشقا تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر