باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى بۇ يىل يېڭىدىن 2 مىليون يۈرۈش ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى تەقسىملەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.04.18 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، ئېلىمىز بۇ يىل ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈش ۋە ئولتۇرۇشقا تەقسىملەشنى تېزلىتىپ، يىل ئىچىدە يېڭىدىن 2 مىليون يۈرۈش ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى تەقسىملەشنى تاماملايدىكەن. تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لۇ كېخۇا مۇنداق دېدى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىغا ماسلىشىپ، ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى ۋە يۈرۈشلەشكەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرىمىز، جايلار ئەستايىدىللىق بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشكەن ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى تۈرىنىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش شەرتىگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەز مەبلەغ ياردىمى ۋە كىرېدىت مەدىتى سالمىقىنى زورايتىپ، ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. 2016-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، 11 مىليون 260 مىڭ ئائىلىلىك ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىپ، شەھەر-بازارلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر كاپالەتلەندۈرۈشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى. لۇ كېخۇا مۇنداق دېدى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى 2011-يىلى ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنى شەھەر-بازارلاردىكى ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئۆيى يوق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە شەھەر-بازارلاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرگە ئىجارىگە بېرىشنى بېكىتكەن. مۇتلەق كۆپ ساندىكى جايلار ياخشى ئەمەلىيلەشتۈردى، مەسىلەن: شاڭخەي شەھىرى تۈرلۈك يوللار بىلەن ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى ھازىرلاپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرگە ئىجارىگە بەردى، بېيجىڭ شەھىرى ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنىڭ %30نى «يېڭى بېيجىڭلىقلار»غا ئىجارىگە بېرىشنى بېكىتتى. لېكىن قىسمەن جايلار سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنى ئىلتىماس قىلىشىغا يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، چەكلەش شەرتلىرى بىر قەدەر كۆپ بولدى. بۇ جايلار تېزدىن شەرتنى تۆۋەنلىتىپ، ئىجازەتنى قويۇۋېتىپ، ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر