باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى: بۇ يىل 1-پەسىلدە ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىردىن 14ى جازالاندى

2017.04.18 17:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2017-يىلى 1-پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى 623 مىڭ پارچە/قېتىم ئەرزىيەت-پاش قىلىشنى تاپشۇرۇۋېلىپ، 194 مىڭ مەسىلە، يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلغان، 38 مىڭ پارچە/قېتىم پاراڭلاشقان ۋە خەت ئالاقە ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگەن، 102 مىڭ دېلو تۇرغۇزغان، 85 مىڭ كىشى(بۇنىڭ ئىچىدە 71 مىڭ كىشىنى پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە جازالىغان)نى جازالىغان. ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىردىن 14ى، نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك كادىردىن 400 نەچچىسى، ھاكىم، باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 3500ى، يېزا، بۆلۈم دەرىجىلىك كادىردىن 13 مىڭى، ئادەتتىكى كادىردىن 16 مىڭى، يېزا، كارخانىلاردىكى باشقا خادىملاردىن 52 مىڭى جازالانغان.

  1-پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى نازارەت قىلىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش «تۆت خىل ھالەت»نى قوللىنىپ 179 مىڭ ئادەم/قېتىمنى بىر تەرەپ قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، بىرىنچى خىل ھالەت سەمىگە سېلىش بويىچە 92 مىڭ ئادەم/قېتىم بىر تەرەپ قىلىنىپ، «تۆت خىل ھالەت» بويىچە بىر تەرەپ قىلغان ئومۇمىي ئادەم/قېتىمىنىڭ %51.7نى؛ ئىككىنچى خىل ھالەت پېشىنى تارتىپ قويۇش بويىچە 65 مىڭ ئادەم/قېتىم بىر تەرەپ قىلىنىپ، %36.3نى؛ ئۈچىنچى خىل ھالەت قىزارتىش بويىچە 12 مىڭ ئادەم/قېتىم بىر تەرەپ قىلىنىپ %6.4نى؛ تۆتىنچى خىل ھالەت تەرلىتىش بويىچە 10 مىڭ ئادەم/قېتىم بىر تەرەپ قىلىنىپ، %5.6نى ئىگىلىگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر