باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ

2017.04.18 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش ھەممە كىشىنى ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىمەن قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات ئاھالىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا تولۇق قاتناشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات ئاھالىلەرنى ئومۇميۈزلۈك سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئەمما سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلمىگەن نامرات ئاھالىلەرگە قارىتا مالىيەدىن ۋەكالىتەن تۆلەپ بېرىش، كوللېكتىپ ياردەم بېرىش، جەمئىيەت ئىئانىسى، نامراتلارنى يۆلەش تارماقلىرى ياردەم بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ھۆكۈمەت، كوللېكتىپ، جەمئىيەت، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش مېخانىزمىنىڭ رولى ئارقىلىق، بۇ يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات ئاھالە ئەزالىرىنى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا %100 قاتنىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر