باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگو قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن 100 كىشى» تىزىملىكىدىكى لى شېچياۋ دۆلەتكە قايتىپ كېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى

2017.04.18 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 17- كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركەزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارادا ئېقىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا، جېجياڭ ئۆلكىسى ۋە نىڭبو شەھىرىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «جۇڭگو قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن 100 كىشى» تىزىملىكىدىكى 75- نومۇرلۇق لى شېچياۋغا نەسىھەت قىلىپ، كانادادىن دۆلەتكە قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلدۇردى. بۇ، 2015- يىلى 4- ئايدا مەركەزلىك ھالدا ئاشكارىلانغان «جۇڭگو قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن 100 كىشى» تىزىملىكىدىكى قولغا ئېلىنغان چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن 40- جىنايەتچى ھېسابلىنىدۇ.

  لى شېچياۋ، ئەر، 1942- يىلى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى تۇغۇلغان، ئەسلىدىكى نىڭبو يۈەنۋاڭ سانائەت سودا شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، نىڭبو خۇايۈەن ئۆي-مۈلۈك كەسپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، خىيانەتچىلىك جىنايىتى گۇماندارى دەپ دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، 2009- يىلى 4- ئايدا كاناداغا قېچىپ كەتكەن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ نومۇرى A-3059/9-2009.

  جېجياڭ ئۆلكىسى ۋە نىڭبو شەھىرى مەزكۇر دېلوغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، قوغلاپ تۇتۇش خىزمىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. قانۇنىي چۆچۈتۈش، سىياسەتنىڭ دەۋىتى ۋە قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ تەسىرى قاتارلىقلار ئاستىدا، لى چياۋ ئاخىرى دۆلەتكە قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلىش يولىنى تاللىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر