باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە-ئامېرىكا: چاۋشيەننىڭ ئەڭ يېڭى بىر قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى مەغلۇپ بولدى

2017.04.17 14:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە ئارمىيە دائىرىلىرى 16-ئاپرېل مۇنداق دېدى: چاۋشيەن شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى، بىراق مەغلۇپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىمۇ چاۋشيەننىڭ يېڭى بىر قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  چىڭ ۋاتەيدىكى دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى كىم كۇەنجېڭ شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جىددىي بىخەتەرلىك يىغىنى ئېچىپ نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ھازىرغىچە چاۋشيەن دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.

  كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كورېيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن بۇ قېتىم سىناق قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تىپى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا سىناق قىلىش پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئوخشاش ئىكەن. 5-ئاپرېل كورېيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن شۇ كۈنى شىنپۇ ئەتراپىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى دېدى. كورېيە ئارمىيە دائىرىلىرى ئارقىدىن بۇ شىمالىي قۇتۇپ ئىككىنچى تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇشى مۇمكىن دەپ قياس قىلدى، بىراق ئامېرىكا ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەربابى: بۇ «شاتۇر -ER» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇشى مۇمكىن دەپ تەھلىل قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر