باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى يولباشچىسى بولىمىز

2017.04.17 16:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى–سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

  4 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 11 – كۈنىگىچە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ مائارىپ خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنداق دېيىشتى: سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى چوقۇم پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيە ئالىي مەكتەپكە رەھبەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى ياخشى تۇتىمىز، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك ئىدىيە، ئىختىساسلىقلار ۋە بازا تىرىكىگە ئىگە قىلىمىز.

  ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى پارتكومى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى فېڭ چىڭسۇڭ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

  قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىدىيەۋى – سىياسىي نەزەرىيە پەنلىرى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جۈرئەت رەخمەت مۇنداق دېدى: ئىدىيەۋى – سىياسىي پەن ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چوقۇم دەرس مۇنبىرى ئۆتكىلىنى پۇختا ئىگىلەپ، خاتا پىكىر ئېقىمىغا كەسكىن رەددىيە بېرىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئىدىيەۋى – تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز؛ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، پائال تارقاتقۇچىلىرى، ئۈلگىلىك ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەيمىز؛ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرىنى ماركسىزملىق ئېتىقاد، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادنى ساقلاپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرىمىز.

  شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنستىتۇتى (كورلا مەكتەپ رايونى)نىڭ ئوقۇتقۇچىسى ما مېي مۇنداق دېدى: يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىنستىتۇتنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش نىشانىغا ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، مەزمۇنى مۇكەممەل، كۆرسەتكۈچى مۇۋاپىق، ئۇسۇلى ئىلمىي بولغان ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتى باھا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز؛ ئىدىيەۋى – سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي نەزەرىيە دەرسىدىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز.

  خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن داۋۇت مۇنداق دېدى: بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە داۋاملىق ‹‹ئوقۇغۇچىلارنى چۆرىدەپ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ››، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى مائارىپ، ئوقۇتۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرىمىز؛ ئوقۇغۇچىلارنى توغرا يولغا باشلاپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئاچىمىز ۋە روھىنى ئۇرغۇتىمىز.

  قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى ئىدىيەۋى – سىياسىي بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لى يەن مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەشتىكى مۇھىم يول قىلىمىز؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە سىڭدۈرىمىز.

  (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز شى شۆخۇڭ، نىڭ لىچىڭ، تاڭ خۇارۇڭ، ۋاڭ جيەنۋۇ، جياڭ يىلى، سۈن ئەنبىڭ، شى يىڭيىڭ، چېن شىن)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر