باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يولداش بېكمۇقامەت مۇسا ۋاپات بولدى

2017.04.17 16:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يولداش بېكمۇقامەت مۇسا كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 2017 – يىل 4 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 21دە ئۈرۈمچىدە 78 يېشىدا ۋاپات بولدى.

  يولداش بېكمۇقامەت مۇسا 1939 – يىلى 12 – ئايدا تېكەس ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1965 – يىلى 8 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1971 – يىلى 4 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1960 – يىلى 8 – ئايدا بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە فاكۇلتېتىنىڭ خىمىيە كەسپىدە ئوقۇغان، 1965 – يىلى 8 – ئايدا ئىلى ۋىلايەتلىك سوتسىيالىستىك تەربىيە خىزمىتى ئەترىتىدە مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولغان، 1967 – يىلى 2 – ئايدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سانائەت – قاتناش ئىدارىسىگە بېرىپ خىزمەت قىلغان، 1974 – يىلى 4 – ئايدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سانائەت – قاتناش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 1975 – يىلى 9 – ئايدا كۈيتۈن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇدىرى بولغان، 1978 – يىلى 12 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خىمىيە سانائەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 1983 – يىلى 9 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خىمىيە سانائەت باش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بولغان، 1987 – يىلى 6 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خىمىيە سانائەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان، 1993 – يىلى 5 – ئايدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى بولغان، 1998 – يىلى 1 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 2005 – يىلى 6 – ئايدا پېنسىيەگە چىققان.

  يولداش بېكمۇقامەت مۇسا پارتىيەمىز يېتىشتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان مۇنەۋۋەر رەھبىرىي كادىر. ئۇ ماركسىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىدى. ئۇ پارتىيەنىڭ مىللەت – دىن سىياسىتىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن – ئاخىر مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن بولغان، ھالقىلىق پەيتتە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇنىڭ كەسپىي بىلىمى پۇختا، ئەمەلىي تەجرىبىسى مول بولۇپ، 600 مىڭ خەتلىكتىن ئارتۇق ‹‹خىمىيە سانائەت لۇغىتى››نى تۈزۈپ، كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئىلى ئوبلاستىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدە، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئۆزگەرتىش، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى، تەرەققىيات رايونى قۇرۇش، پورت باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ئاساسلىق تۇتۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان مەزگىلدە، ئىتتىپاقلىق، دېموكراتىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا پائال قاتناشقان ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان. رەھبەرلىك ئورنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، مۇقىملىق، تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر