باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىر بەلباغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە خەلقئارا ھەمكارلىق ئالماشتۇرۇش سەھنىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى

2017.04.17 14:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قەدىمكى يىپەك يولى ــ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە شەنشى ئۆلكىسى بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇش سەھنىسى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت، ئېكسپورت سودىسىنىڭ تېخىمۇ راۋان بولۇشىغا تۈرتكە بولماقتا. 1795 توننا قازاقىستان بۇغدىيى قاچىلانغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تۇنجى مەخسۇس ئاشلىق پويىزى 7 كۈن ئالتە كېچە مېڭىپ، بۇ يىل 22-فېۋرال ئاستا ئاستا شىئەنگە كىرىپ كەلدى، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىدىكى بىردىن بىر چەتئەلدىن ئاشلىق كىرگۈزۈش بەلگىلەنگەن ئېغىز ــ شىئەن پورتى ئىمپورت ئاشلىق كىرگۈزۈشتە مەخسۇس بەلگىلەنگەن ئېغىزنىڭ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شىئەن خەلقئارا پورت رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى پورت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەي چىنبىن مۇنداق دېدى:قازاقىستاندىن كىرگۈزۈلگەن بۇغدايلاردىن ئۇن تارتقاندىن كېيىن بازاردا ناھايىتى ياخشى سېتىلدى.چۈنكى جۇڭگونىڭ غەربى شىمالىي رايونىدا ئۇن تامىقى ئاساس قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق مەنبەيى بۇغداي، قازاقىستان بۇغدىيىنىڭ سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى.

  ئىمپورت قىلىنغان قازاقىستاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئۇنى، بۇغدىيىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ سېتىش شىئەن ئەيجۈ ئاشلىق ماي سانائەت گۇرۇھى ئېلىپ بارغان يېزا ئىگىلىك تۈرىنىڭ بىرى، بۇ گۇرۇھ قازاقىستاننىڭ شىمالىي قازاقىستان ئوبلاستىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش باغچە رايونى قۇردى، يىلىغا 300مىڭ توننا خام ماتېرىيال پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان ياغ زاۋۇتىنىڭ بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ تىجارەت باشلىشىدىن ئۈمىد بار، ئۇ قازاقىستاندىكى ئەڭ چوڭ ياغ پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرى، دەۋرېن بۇ تۈرنىڭ قازاقىستان تەرەپ مەسئۇلى، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ بىز قازاقىستان دېھقانلىرىغا پايدىلىق، چۈنكى بىز بۇ ئارقىلىق تېرىلغۇ كۆلىمىمىزنى كېڭەيتەلەيمىز، ياغ زاۋۇتىدا 90 كىشى ئىشلەيدۇ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى يەرلىك ئاھالىلەر. يەنە قازاقىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان نەرسىلەرنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىش دۆلەت ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.

  يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تېخنىكا مەدىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن شەنشى ئۆلكىسى ياڭلىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش مەركىزى ئىچىدە سۇنى تېجەپ سۇغۇرۇش، سۇ ۋە تۇپراقنى ساقلاش، دانلىق زىرائەتلەرنى تېرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق نەچچە ئون تاشقى يېزا ئىگىلىك ئالماشتۇرۇش تۈرى 106 دۆلەتتىكى 1500دىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ئەمەلدارى ۋە تېخنىكا خادىملىرىنى بۇ يەرگە كېلىپ ئۆگىنىشكە جەلپ قىلدى، مۇخبىر سىرىلانكا يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىدىن كەلگەن باش ئىنژېنېر بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇ ھەدەپ باغچە رايونىدىكى ئالمىلىقتا ئالما كۆچەتلىرىنى تەپسىلىي سۇغۇرىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ دەرسلەردە تەربىيەلىنىپ كۆپ نەپ ئالدىم، جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى جەھەتتىكى تېخنىكىسى ئىنتايىن ئىلغار، بولۇپمۇ مەن قۇرغاق رايونلاردا يېزا ئىگىلىكىنى قانداق راۋاجلاندۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدىم، بۇ سىرىلانكا ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئۆرنەكلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر