باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىراق مۇساپىلىق كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش مەركىزى ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈردى

2017.04.17 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان روزى خەۋەر قىلىدۇ) ئىلگىرى ئېغىر، مۇرەككەپ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بىمارلارنىڭ ئويلايدىغىنى دوختۇرخانا ئالمىشىپ داۋالىنىش بولۇپ، يول يىراق بولۇپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىق تۇغۇلاتتى. جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، باي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا ۋېنجو-باي يىراق مۇساپىلىق كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش مەركىزى قۇرۇپ، باي ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىشىكى ئالدىدىلا يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.

  ۋېنجۇ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ ۋاسىتىسىدە، باي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ۋېنجۇ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، يىراق مۇساپىلىق كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش مەركىزىنى قۇردى. ھەمكارلىق ئورنىتىلغاندىن كېيىن، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاپ ياردەم قىلغانلىقتىن، باي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش تېخنىكا سەۋىيەسى يوقىرى كۆتۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر