- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شۆھرەت زاكىر ۋىيېتنام خەلق گېزىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
2017.04.17 16:50 مەنبە: خەلق تورى
16-ئاپرىل چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ۋىيېتنام خەلق گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، ۋىيېتنام مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شۇن يو يېتەكچىلىكىدىكى ۋىيېتنام خەلق گېزىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى كۈتۈۋالدى.
شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن ۋىيېتنام خەلق گېزىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بولسا شەرق، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلغان جايى ۋە شۇنداقلا يىپەك يولىدىكى تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەڭ مول رايونلارنىڭ بىرى.
شۇن يو مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىملىق شىنجاڭ ساياھىتى بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ئاخبارات-خەۋەرلەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ۋىيېتنامدىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىمىز، ئىناقلىق، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ھەمكارلىق ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
ئالاقىدار خەۋەرلەر