خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قوللايدىغان ئامما كوچىلارغا چىقىپ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايھىەسىنىڭ ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇلۇپ ماقۇللانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 16-كۈنى ئېلان قىلغان دەسلەپكى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە، تۈركىيەدىكى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇشتا، تەخمىنەن %51.2 سايلىغۇچىلار قوشۇلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى