باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭغا كەلگەندىلا شىنجاڭنى ھېس قىلغىلى، شىنجاڭنى چۈشەنگىلى بولىدۇ

«يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ئالاقىدار دۆلەتلەر تاراتقۇ مەسئۇللىرى مۇھاكىمە كۇرسى ئېچىلدى

2017.04.18 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، 17-ئاپرىل چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزگەن «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ئالاقىدار دۆلەتلەر تاراتقۇ مەسئۇللىرى مۇھاكىمە كۇرسى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، 15 دۆلەتتىن كەلگەن 22 چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاخبارات مۇخبىرلىرى ۋە مۇھەررىرلىرى بۇ قېتىملىق كۇرسقا قاتناشتى.

  «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ئالاقىدار دۆلەتلەر تاراتقۇ مەسئۇللىرى مۇھاكىمە كۇرسى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 2012-يىلى ئىجاد قىلغان ماركا تۈرى بولۇپ، مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان ئوبيېكتلار بولسا ئاسىيا-ياۋروپادىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» بويىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەر تاراتقۇ مەسئۇللىرى بولۇپ، ھەر يىلى بىر قارار ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ يىللىق مۇھاكىمە كۇرسى 6-قارار ئېچىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر