باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاك گيۇنخاي ئەرز قىلىندى

پارا ئېلىش سوممىسى 358 مىليون يۈەنگە يەتكەن

2017.04.18 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە تەپتىش ئورگىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سابىق زۇڭتۇڭ پاك گيۇنخاينى ئەيىبلىدى، بەش ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشقان «يېقىنى سىياسىيغا ئارىلىشىش» ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاياغلاشتى.

  كورېيە تەپتىش ئورگىنى پاك گيۇنخاي خىزمەت ھوقۇقىنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىش، پارا ئېلىش ۋە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش قاتارلىق 18 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بېكىتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، پاك گيۇنخاينىڭ پارا ئېلىپ يىغقان سوممىسى 592 مىليون ۋون (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 358 مىليون يۈەن)گە يەتكەن. كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەگەر پارا ئېلىش بىلەن ئالاقىدار جىنايەتلەر بېكىتىلسە، پاك گيۇنخايغا 10 يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قاماق جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

  كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاك گيۇنخاينىڭ 1- سوتتىكى ھۆكۈم نەتىجىسى 5- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن، يەنى كورېيە زۇڭتۇڭ سايلىمى كۈنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر