خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، فىلىپپىننىڭ داۋو شەھىرىدە، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت (ئوتتۇرىدا) چاڭچۈن ناملىق پاراخوتنىڭ پاراخوت خادىملىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شۇ يەر ۋاقتى 1-ماي چۈشتىن كېيىن، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيە ئەمەلدارلىرىنى باشلاپ داۋو شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، فىلىپپىندا دوستانە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يىراققا سەپەر قىلىش زىيارەت ئەترىتىنىڭ چاڭچۈن ناملىق پاراخوتىغا چىقىپ، ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى