- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
موگەيرىنى: تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش سۆھبىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا
2017.05.02 14:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى موگەيرىنى 28-ئاپرېل مالتادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش توغرىسىدىكى سۆھبەت يەنىلا داۋاملاشماقتا، بىراق نۆۋەتتە بۆسۈپ ئۆتۈشلەر بولمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش سۆھبىتىنىڭ ئۆلچىمى ئىنتايىن ئېنىق، تۈركىيە بۇنى ئىنتايىن چۈشىنىدۇ، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق، تاراتقۇلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆلچەملەرنى چۈشىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەزا بولۇش توغرىسىدىكى سۆھبەتتىن ھالقىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىش ۋە سۇرىيە كىرىزىسى قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر