- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
فىلىپپىن زۇڭتۇڭى«بىر بەلباغ، بىر يول» شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رايون بازار كۆلىمىنى كېڭەيتىدۇ، دېدى
2017.05.02 14:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتې يېقىندا ئېچىلغان 30-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە پايدىلىق بولۇپ، شۇ رايوننىڭ بازار كۆلىمىنى كېڭەيتتى.
دۇتېرتې 29-ئاپرېل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا جۇڭگو مۇخبىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» دا قانداق رول ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: «بىر بەلباغ، بىر يول»شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئۇ ئاسىيادىن باشلانغان، دېدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر