باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سان ديېگو شەھىرىدە ئوققا تۇتۇش دېلوسى يۈز بېرىپ، 10 ئادەم قازا قىلدى ۋە يارىلاندى

2017.05.02 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر سان ديېگودا 4-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچقۇرۇن ئېتىشىش يۈز بېرىپ، قاتىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى كىشى قازا قىلدى، يەنە يەتتە كىشى يارىلاندى.

  شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىسى ئامېرىكا رادىيو شىركىتى 10-قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قوراللىق ئېتىشىش دېلوسى شۇ يەر ۋاقتى 30-چېسلا كەچ سائەت ئالتە ئەتراپىدا يۈز بەرگەن، شۇ چاغدا بىر توپ ئادەم بىر ئۈستى ئوچۇق سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە بىر ئوغۇل بالا ئۈچۈن تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشى ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، تەخمىنەن 30 ئادەم بار ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكىلەر ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار ئىكەن. قاتىل ئۇچىسىغا قوڭۇر رەڭلىك قىسقا ئىشتان كىيگەن بولۇپ، نەق مەيدانغا كىرىپلا خالىغانچە ئوق چىقارغان.

  ساقچى تەرەپ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن، ئۈچ ساقچى قاتىل بىلەن قوراللىق تىركەشكەندىن كېيىن، ئاخىرىدا قاتىل ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر