باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى تۈزىتىش لايىھەسى ئېلان قىلىندى

2017.05.03 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش ئەھۋالىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى قايتما ئىنكاسىدىن قارىغاندا، ئىچكى موڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ، جياڭسۇ، جياڭشى، خېنەن، گۇاڭشى، يۈننەن، نىڭشيا قاتارلىق سەككىز ئۆلكە(ئاپتونوم رايون) تەلەپ بويىچە نازارەت قىلىپ تۈزىتىش لايىھەسىنى ئېلان قىلغان.

  مەركەزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى 2016-يىلى 7-ئايدىن 8-ئايغىچە ئېلىپ بېرىلىپ، ئىچكى موڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ، جياڭسۇ، جياڭشى، خېنەن، گۇاڭشى، يۈننەن، نىڭشيا قاتارلىق سەككىز ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)دە نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان ۋە 2016-يىلى 11-ئايغىچە نازارەت قىلىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلغان. سەككىز ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)لىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، تەلەپ بويىچە نازارەت قىلىش ئەھۋالىنىڭ تۈزىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىققان.

  دۆلەت مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسى سەككىز ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)گە خەت يېزىپ، «بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، بىر ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە گېزىتى، بىر ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تور پونكىتى»ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن تۈزىتىش لايىھەسىنى ئېلان قىلىش خىزمىتىنى تاماملاشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى نازارەت قىلىش ئەھۋالىنىڭ تۈزىتىش خىزمىتى ئىدىيەسى، نىشانى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە كونكرېت تەدبىرلىرى شۇنداقلا ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەسئۇل ئورۇن قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ ئاشكارا ئارگىنالىنى ئاڭلاتقان. ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە گېزىتى ئاشكارا ئارگىنالنىڭ پۈتۈن تېكىستىنى ئېلان قىلغان. ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تور پونكىتى نازارەت قىلىپ تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ تولۇق تېكىستىنى ئېلان قىلغان ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ تور پونكىتىدا ماس قەدەمدە ئېلان قىلغان. دۆلەت مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن ئالاقىدار مەركەز تاراتقۇلىرى ماس قەدەمدە ئېلان قىلغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر