باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئۈچ تۈرلۈك مەمۇرىي جازانى ۋە كەسپىي جازالاش ئەھۋاللىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرماقچى

ھۆكۈمەت تورىغا چىقىپ تەكشۈرسە بولىدۇ

2017.05.03 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادۋوكاتلىق، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ۋە ئەدلىيەلىك باھالاش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كەسپىي ھەرىكەتلىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، دەۋالاشقۇچىلار ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى تېخىمۇ قوغداش ئۈچۈن، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 2017- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە بۇ ھەقتە پات-پات مەلۇمات بېرىپ تۇرماقچى، ھەمدە 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىنكى ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋە ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى، گۇۋاھلىق بېرىش جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تۆۋەندىكىلەرگە قارىتا، يەنى، ئادۋوكاتلىق ئورنى، ئادۋوكاتلار، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئورنى، گۇۋاھلىق ئورنىنىڭ خادىملىرى، ئەدلىيەلىك باھالاش ئورگانلىرى ۋە ئەدلىيەلىك باھالاپ بېكىتكۈچىلەر دېگەندەك ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قارىتا چىقىرىلغان مەمۇرىي جازالارنى ۋە كەسپىي جازالاش ئەھۋاللىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرماقچى ئىكەن.

  ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 5- ئاينىڭ 1- كۈنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تۇنجى بولۇپ ئادۋوكاتلىق، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ۋە ئەدلىيەلىك باھالاش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرىقى ئۈچ تۈرلۈك ساھەدىكى مەمۇرىي جازالار ۋە كەسپىي جازالاشلار دېگەندەك 70 جازانى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، بۇ ھەقتە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارغان. جامائەتتىكى كىشىلەر ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆكۈمەت تور پونكىتى (http://www.moj.gov.cn/)غا چىقىپ، تور بېكىتىنىڭ باش بېتىدىكى «مەمۇرىي جازالار ۋە كەسپىي جازالاش ئەھۋالى ئۈستىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشلار» سەھىپىسىدىن، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر