باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ماي بايرىمى مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى

2017.05.03 11:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 29-ئاپرېلدىن 1-مايغىچە بولغان ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى مۇقىم بولغان، بىر قېتىمدا بەشتىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ئوت ئاپىتى ھادىسىلىرى يۈز بەرمىگەن.

  بايرام مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش قىسىملىرى جەمئىي 6644 قېتىم ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇشقا چىققان، 15 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىم ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، 81 مىڭ ئادەم قېتىم ئوفىتسېر-ئەسكەر ئىشقا سالغان، قامىلىپ قالغان 864 كىشىنى قۇتقۇزغان، 170 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى مال مۈلۈكنى زىياندىن ساقلاپ قالغان.

  بۇندىن باشقا، جايلار «كۆچمە ئىنتېرنېت ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۇچۇرلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى» ۋە تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك بىلىملىرى، ئەسكەرتىش-ئاگاھلاندۇرۇش، جامائەتچىلىك ئېلانىنى تارقىتىپ، مەنزىرىگاھلار، سودا ساراي بازارلار، مېھمانخانىلار، چوڭ تىپتىكى پائالىيەت سورۇنلىرى، ئاز سانلىق مىللەت كەنتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش تەشۋىقاتى ۋە جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلغان. مەملىكەت بويىچە 24 مىڭ قېتىم ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، تۆت مىليون 560 مىڭ پارچە تەشۋىقات ماتېرىيالى، 50 مىليون 870 مىڭ ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى تارقاتقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر