باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ دېڭىز ئاستى تونىلىنى ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلاپ قۇراشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

2017.05.03 11:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ماي سائەت 22دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېغىرلىقى 6000 توننا كېلىدىغان شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى چۆكمە تۇرۇبىلىق تونېلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇلاق بېشى 16 سائەتلىك ئېسىپ چۆكتۈرۈش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرقى قۇراشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىزنىڭ قاتناش قۇرغۇچىلىرى ئالتە يىلدىن كۆپرەك توختىماي تىرىشىشى ئارقىلىق، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چۆكمە تۇرۇبىلىق تونېل ــــ شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ چۆكمە تۇرۇبىلىق تونېلى ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلدى.

  شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز يولى بولۇپ، دېڭىز ئاستى تونىلى چوڭ كۆۋرۈكى تىزگىنلىمە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 6700 مېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چۆكمە تۇرۇبا بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5664 مېتىر كېلىدۇ، 33 چوڭ چۆكمە تۇرۇبا ۋە بىر تۇتاشتۇرۇش بۆلىكىدىكى ئاخىرقى ئۇلىغۇچتىن تەركىب تاپقان، ئەڭ چوڭ قۇراشتۇرۇش چوڭقۇرلۇقى 40 مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ، دۆلىتىمىز قۇرۇپ چىققان تۇنجى دېڭىز سىرتىدىكى چۆكمە تۇرۇبا تونېلى ھەمدە دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ تاشيول تونېلى ۋە بىردىنبىر چوڭقۇر كۆمۈلگەن چۆكمە تۇرۇبا تونېلىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر