باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارچە ساقالدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ئۆزگەرتىش تۈرى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەنمەكتە

تۈگۈن قۇرۇلۇشى بولغان ئۆرۈك جىلغىسى كەنتى تونىلى 220 مېتىر قېزىلدى

2017.05.03 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-ئاپرىل مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ليەنيۈنگاڭ-قورغاس (G30) تاشيولىنىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى پارچە ساقال-ئۈرۈمچى بۆلىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى (قىسقارتىلىپ پارچە ساقال-ئۈرۈمچى تۈرى دېيىلىدۇ) چىڭ تۇتۇپ ئىشلەنمەكتە ئىكەن، 29-ئاپرىلغا قەدەر، تۈگۈن قۇرۇلۇشى ئۆرۈك جىلغىسى كەنتى تونىلى 220 مېتىر قېزىلىپتۇ.

  پارچە ساقال-ئۈرۈمچى تاشيولى تۈرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى پارچە ساقال ئىستېرېئولۇق ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ ئالدىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاخىرلىشىش نۇقتىسى ئۈرۈمچى شەھىرى ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (شەرقىي لىنىيەسى) ئۇلانبايغا ئۇلىنىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 121 كىلومېتىر، تۈرنىڭ باشلامچى سىناق بۆلىكى بولغان ئۈچىنچى بۆلىكى قۇرۇلۇشىدا بۇلتۇر 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىش باشلانغان بولۇپ، پۈتۈن تۈردە 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىش تاماملىنىش پىلانلىنىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر