باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى «ئالاقە تورى ئاخبارات- ئۇچۇر مۇلازىمىتى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىنىپ يېڭى تاراتقۇلار باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى

2017.05.03 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى 2- ماي يېڭى «ئالاقە تورى ئاخبارات- ئۇچۇر مۇلازىمىتى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئالاقە تورى ئاخبارات- ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ ئىجازەت، يۈرۈشتۈرۈش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، قانۇنى مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇردى ۋە ھەر خىل يېڭى تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

  يېڭى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان:ئالاقە تورى بېكىتى، قوللانما پىروگرامما، مۇنبەر، مىكروبىلوگ، ئۈندىدار سۇپىسى، ئۇچۇرلىشىش قوراللىرى،ئالاقە تورىدا بىۋاسىتە تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق جامائەتنى ئالاقە تورى ئاخبارات- ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشتە، ئالاقە تورى ئاخبارات- ئۇچۇر مۇلازىمىتى ئىجازىتىنى ئېلىش لازىم، ئىجازەتسىز ياكى ئىجازەت دائىرىسىدىن ھالقىپ ئالاقە تورى ئاخبارات- ئۇچۇر مۇلازىمىتى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش چەكلىنىدۇ. بەلگىلىمىدە يەنە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:ئىجازەتسىز ياكى ئىجازەت دائىرىسىدىن ھالقىپ ئالاقە تورى ئاخبارات- ئۇچۇر مۇلازىمىتى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارغا دۆلەت ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى توختىتىشقا بۇيرۇپ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  «بەلگىلىمە» بويىچە، ئالاقە تورى ئاخبارات- ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئاخبارات- ئۇچۇرلارنى كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا، مەركەز ئاخبارات ئورۇنلىرى ياكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ قارمىقىدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرى قاتارلىق دۆلەت بەلگىلىگەن دائىرىدىكى ئورۇنلار تارقاتقان ئاخبارات- ئۇچۇرلارنى كۆچۈرۈپ تارقىتىشى، ئاخبارات- ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئەسلى ماۋزۇسى، مۇھەررىرنىڭ ھەقىقىي ئىسىم- فامىلىسى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىشى، مەزمۇنىنى بۇرمىلىماسلىقى، قالايمىقان ئۆزگەرتمەسلىكى ۋە ئاخبارات- ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرەلەيدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر