باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

2017.05.03 11:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرى ئابدۇللا بىلەن كۆرۈشتى.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراققا نەزەر سېلىش نۇقتىسىدىن جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىدۇ. جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتىنى قۇرۇش-رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن شاھزادە مۇھەممەدنىڭ جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىرى، ئىككى تەرەپ بۇ مېخانىزمنىڭ ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ماسلاشتۇرۇشتىكى تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بىرلىكتە كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقى تەرەققىياتىغا باشلامچىلىق قىلىشنى، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئىشىنىشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ بېيىتىپ ۋە جانلاندۇرۇپ، خادىملار ئالاقىسىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ، سودا ئالاقىسىنى تېخىمۇ راۋان قىلىشنى خالايدۇ.

  ئابدۇللا مۇنداق دېدى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقىنىڭ قوللىشى، ھىمايىسىگە ئېرىشتى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىدا ئىجابىي تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگونىڭ غايەت زور تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرى ئابدۇللا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئىككى تەرەپ بىرلىكتە «جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر