باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش» ئەشيا ئوبوروت يولى بەرپا قىلىندى

ياۋرو-ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ يىغىلىش مەركىزى شەكىللەندى

2017.05.03 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭغا تايىنىش، مەملىكەتكە تەسىر كۆرسىتىش، ياۋرو- ئاسىياغا ماكانلىشىش»تەك تىجارەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىلگىرى ھەپتىدە بىر قاتنايدىغان جۇڭگو-ياۋروپا (جۇڭگو-ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى ھازىرقى كۈندە بىر قاتنايدىغان ھالەتكە كېلىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ ياۋروپاغا كۆلەملىك، دائىملىق قاتنىىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. نۆۋەتچى پويىز يىغىلىش مەركىزى داڭلىق ماركا ئۈنۈمىنىڭ كۈنسېرى گەۋدىلىنىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدا «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش» ئەشيا ئوبوروتى يولى بەرپا قىلىندى.

  شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى ئالاھىدە تاشقى سودا ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن، يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي تاشقى سودىسىنىڭ %70 نى؛ ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىدا، ئېكسپورت سودىسى %70نى؛ ئېكسپورت سودىسىدا، شىنجاڭ بازارلىرىدىن سېتىۋىلىنغان ئادەتتىكى سودا ياكى ئاز سوممىلىق چېگرا سودىسى قاتارلىق شەكىللەردە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاۋارلار %70نى ئىگىلەيدۇ.

  2014-يىلى 3-ئايدا، شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارىلىقىدا تۇنجى خەلقئارا يۈك تىرانسىپورت پويىزى مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر