خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «4-ماي» ياشلار بايرىمى كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ھارپىسىدا يەنى 3-ماي چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ياشلارغا بايراملىق سالام يوللىدى، مەملىكىتىمىزدىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرى، ياشلار خىزمەتچىلىرى، قانۇن ئىدارە قىلىش خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم مۇھىم تارىخىي ۋەزىپە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا، ماركسىزملىق قانۇنشۇناسلىق ئىدىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئەخلاق ۋە قانۇندا تەڭ يېتىلىپ، زور تۈركۈمدىكى يۇقىرى ساپالىق قانۇن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ياشلارغا مەنسۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كەلگۈسىمۇ ياشلارغا مەنسۇپ. ياش ئەۋلادلارنىڭ غايە ئېتىقادى، روھىي ھالىتى، ئۇنىۋېرسال ساپاسى بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى، شۇنداقلا بىر دۆلەتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ مۇھىم ئامىلى. ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن دەۋر باش تېمىسى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. زامانىمىزدىكى ياشلار بۇ دەۋر باش تېمىسى بىلەن قەلبداش، نىشانداش بولغان غايە ئېتىقاد تىكلەپ، بۇ دەۋر يۈكلىگەن تارىخىي مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ئىرادىلىك بولۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ تاۋلىنىپ، قايناق ھېسسىيات بىلەن كۈرەش قىلىش داۋامىدا ياشلىق نۇرلىرىنى جۇلالاندۇرۇپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئىلگىرىلىشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى