خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29- ئاپرېل، شىنجاڭ كۇچا خوڭياڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى تولۇق ئاپتوماتىك پايپاق چىقىرىش ماشىنىسىنى تەڭشىمەكتە.
شىنجاڭ كۇچا ناھىيەسى كۈسەن كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى 2016 ـ يىلى 7- ئايدا ئېچىلغاندىن بۇيان، مەزكۇر باغچىغا 25 كارخانا ماكانلاشقان بولۇپ، بۇنىڭدا، قۇرۇلۇش مۇددىتى قىسقا، ئىشقا ئورۇنلىشىش شەرتى تۆۋەن، ئۈنۈمىنى تېز جارى قىلدۇرىدىغان ئەنئەنىسى، ئەۋزەللىكى ۋە ئۈستۈنلۈكى بار، ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان بىر قاتار ئالاھىدە تۈرلەر (قىسقارتىلىپ «تېز ئۈنۈملۈك» دېيىلىدۇ) بار. ئۇلار ھازىر دۆلەتنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىگە تايىنىپ ئىش كۆرمەكتە، ھەمدە باغچە رايونىدىكى ئۇ كىچىك مىكرو كارخانىلار بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ زورايماقتا، شۇنىڭ بىلەن، شۇ جايدىكى 500دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى