باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى دۆلەتلىك 2-كوماندىسىنى قۇرۇشىنىڭ مەقسىتى نېمە؟

2017.05.04 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 2-ماي دۆلەتلىك پۇتبول 2- كوماندىسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە تۇنجى قېتىملىق يىغىپ تەربىيىلەش ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئاللىقاچان دۆلەت كوماندىسى، U22 قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ياش قاتلىمىدىكى كوماندىلار بار بولغان ئاساستا، بۇ «ئىككىنچى كوماندا» دۆلەت دەرىجىلىك كوماندا سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا قانداق رول ئوينايدۇ؟

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ بۇ قارارى جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان «قوش دۆلەت كوماندىسى» سىستېمىسى بىلەن ئازراق ئوخشاپ كېتىدۇ، ھەر ئىككىسى تېخىمۇ كەڭ تاللاش دائىرىسى بار بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن روشەن پەرقلەنگەن: بىرىنچى، ئەرلەر ۋاسكېتبولچىلىقىدىكى ئىككى دۆلەت كوماندىسى 2017-، 2018-يىلىدا ئايرىم-ئايرىم خەلقئارا مۇسابىقە ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بەلگىلىك رىقابەت مۇناسىۋىتى مەۋجۇت، ئەمما ئەرلەر پۇتبول ئىككىنچى كوماندىسى مۇھىم مۇسابىقىلەرگە قاتناشمايدۇ، پەقەت تەكلىپ مۇسابىقىسىگىلا قاتنىشىدۇ؛ ئىككىنجى، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى ئىككى دۆلەت كوماندىسىغا ئىككى مۇستەقىل رىپىرلار ئەترىتى ئايرىم- ئايرىم يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئەمما ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ئىككىنچى كوماندىسىغا يەنىلا لىپپى ئەترىتى يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى ئىككى ئەترەت تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى جەھەتتە روشەن پەرقى يوق، 2017-، 2018-يىلى پىرىنسىپ جەھەتتە گىرەلىشىپ قالمايدۇ، يۆتكەلمەيدۇ ، ئەمما ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ئىككىنچى كوماندىسى كۆپرەك ياش توپچىلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ھەرىكەتچانلىق خۇسۇسىيىتى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، نۇرغۇن پۇتبولچىنى ياشلار كوماندىسى يۆتكەپ ئىشلەتسە بولىدۇ، يەنە خالىغان ۋاقىتتا «بىرىنچى كوماندا»غا تولۇقلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر