باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مەمۇرلىرىنى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش 3-مايدىن باشلاندى، %90 بوش ئورۇن ئاساسىي قاتلامدا

2017.05.03 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرىنى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-مايدىن باشلاپ تىزىمغا ئالدۇرۇش باسقۇچىغا كىردى، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 3-ماي سائەت 8 دىن 5-ماي سائەت 18 گىچە تەڭشەش ئىلتىماسىنى يوللىشى كېرەك. بۇ يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى بويىچە تەڭشەش 2377 بوش ئورۇنغا چېتىلىدىغان، جەمئىي 4127 كىشى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇمۇ، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى، دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش ھېسابلىنىدۇ.

  خۇاتۇ مائارىپى ۋە جۇڭگو مەمۇرلار مائارىپى تەمىنلىگەن ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى دۆلەت مەمۇرلىرىنى زور كۆلەملىك تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش پارتىيە ئورگىنى ۋە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنى بولۇپ 19 ئورۇنغا چېتىلىدۇ، ئۇلار: مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت مائارىپ باش ئىدارىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، 98كىشى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  بوش ئورۇن ئەڭ كۆپ بولغىنى مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئورگىنىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات (ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن) خىزمەت ئورنى بولۇپ، تولۇقلاپ قوبۇل قىلىنىدىغان بۇ خىزمەت ئورنىدا، بوش قالغان خىزمەت ئورنى 100 دىن ئاشىدىغان 11 ئورۇن بولۇپ، بىردەك ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ دۆلەت باج سىستېمىسىدىن چىققان، بوش قالغان خىزمەت ئورنى ئەڭ كۆپ بولغان سىچۈەن ئۆلكىلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ 341 خىزمەت ئورنىغا 485 كىشى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

  جۇڭگو مەمۇرلار مائارىپى مەمۇرلۇق ئىمتىھانى كونسۇلتاتسىيە مۇتەخەسسىسى جاڭ يۇڭشېڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەركىزىي كومىتېتى ئورگىنى خىزمەت ئورنىغا تولۇقلاپ قوبۇل قىلىشتا كۆپىنچە ئاساسىي قاتلامدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىش تارىخى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، خىزمەت ئورنى دەرىجىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى دۆلەت مەمۇرلىرى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىنىدىغان ناھىيە (رايون) ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەت ئورنى 2222 بولۇپ، ئىگىلەش نىسبىتى %90 تىن ئاشىدۇ. نومۇر چېكى يۇقىرىراق. ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئورۇنلىرى بۇ قېتىمقى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىشتىكى «ئاساسىي قوشۇن» بولۇپ، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش ۋە ئېتىبار بېرىش يولغا قويۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىشنى خالايدىغانلار بۇ خىزمەت ئورنىغا نۇقتىلىق قويۇلىدۇ».

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر