باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش بويىچە باش ئەلچىسى خەلقئارا جەمىئىيەتنىڭ «يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»نىڭ نوپۇزىنى ئورتاق قوغدىشىنى مۇراجەت قىلدى

2017.05.03 11:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش مەسىلىلىرى بويىچە باش ئەلچى فۇ سوڭ 2- ماي ۋيېنادا: خەلقئارا جەمئىيەت «يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»نىڭ نوپۇزى، ئومۇمىيلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئورتاق قوغدىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، دېدى.

  «يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»غا قاراپ چىقىش 2020-يىللىق 10-قېتىملىق يىغىنىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق تەييارلىق يىغىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋيېنادىكى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق بەش يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرتنامە ئىمزالىغان 110دىن ئارتۇق دۆلەت ۋەكىل ئەۋەتىپ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش، يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك ۋە يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىش شەرتنامىسىنىڭ ئۈچ چوڭ تۈۋرۈكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى چۆرىدىلىپ مۇزاكىرە قىلىنىپ، بۇ قېتىمقى ئەھدىنامىگە قاراپ چىقىش مۇساپىسىنى تەشكىلىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇش قارار قىلىندى. جۇڭگو ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش مەسىلىلىرى بويىچە باش ئەلچىسى فۇ سوڭ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ يىغىنغا قاتناشتى.

  فۇ سۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ يادرو قۇراللارنى قىسقارتىش مۇساپىسىنى باشتىن - ئاخىر قوللايدۇ، يادرو قۇراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسىنى قەتئىي قوغدايدۇ، يادرو ئېنېرگىيەسى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو بەش يادرو دۆلىتىنىڭ ئەھدىنامىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسىنى تىرىشىپ ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پائال قاتنىشىپ، «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش شەرتنامىسى»نى ئادا قىلىش تەييارلىقىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو ھەرقانداق شەكىلدىكى يادرو قورالىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن ئىران يادرو مەسىلىسى، چاۋشيەن يادرو مەسىلىسى قاتارلىق رايون قىزىق يادرو مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە قاتنىشىدۇ. جۇڭگو رايون ۋە پۈتۈن يەر شارىنىڭ يادرو خەۋپسىزلىكى ھەمكارلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 4-نۆۋەتلىك يادرو خەۋپسىزلىكى باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان «يادرو خەۋپسىزلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى تورى» قاتارلىق بەش تۈرلۈك تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

  «يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى» 1968- يىلى ھاسىل قىلىنغان، 1970-يىلى كۈچكە ئىگە بولغان، نۆۋەتتە، 191 ئەزا دۆلەت بار. شەرتنامە ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم قاراپ چىقىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۈچ قېتىم يىللىق تەييارلىق يىغىنى ئاچىدۇ. بۇ قېتىمقى تەييارلىق يىغىنى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاياغلىشىدۇ ھەمدە قاراپ چىقىش يىغىنىغا پىروگرامما خاراكتېرلىك دوكلات تاپشۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر