باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىدە مەۋھۇم مال- مۈلۈكنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى قوغداش دائىرىسىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

2017.05.04 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەۋھۇم مال- مۈلۈكلەرنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: «قانۇندا سانلىق مەلۇمات، تور مەۋھۇم مال-مۈلكىنى قوغداش بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.» بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى مېڭ چاڭ: «بۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە مەۋھۇم مال-مۈلۈكنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقىنىڭ بىر خىلى ئىكەنلىكىنى، كەڭ قاراتمىلىق ۋە ئەمەلىيلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى»، دەپ قارىدى.

  مېڭ چياڭ: «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىدىن ئىبارەت بۇ ئاساس خاراكتېرلىك قانۇندا، مەۋھۇم مال- مۈلۈكلەرنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقىنىڭ بىر خىلىغا تەۋە ئىكەنلىكى، قوغدىلىشى لازىملىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى سانلىق مەلۇمات، تور مەۋھۇم مال- مۈلۈكلەرگە مەخسۇس قانۇن چىقىرىشقا ئاساس سالدى»، دەپ بىلدۈردى.

  ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، توردىكى مەۋھۇم مال- مۈلۈكلەر ئاستا- ئاستا پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا كىرىپ، تېخىمۇ كۆپ تور ئابونتلىرى بىلەن بارغانسېرى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولماقتا. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2016- يىلى 12-ئايغىچە، دۆلىتىمىزدىكى تور ئەھلىنىڭ كۆلىمى 731 مىليونغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يان تېلېفون تور ئەھلى 695 مىليونغا يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر